ئەردوغان ئاپەت رايونىدىكى چېدىر شەھەرنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاھرامانماراشتىكى يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئامما ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان چېدىر شەھەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

1943889
ئەردوغان ئاپەت رايونىدىكى چېدىر شەھەرنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 6 – فېۋرال مەيدانغا كېلىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، بۈگۈن (8-فېۋرال) ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئالاقىدار خادىملاردىن ئىزدەش- قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چېدىر شەھەرگە بېرىپ، يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان خەلق بىلەن كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.

دۆلەتنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان 10 ۋىلايەتتە بىر يىل ئىچىدە يېڭى بىنالارنىڭ سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپەت رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ — خالىغان تەقدىردە — ئانتاليا، ئالانيا، مەرسىن قاتارلىق جايلاردىكى مېھمانخانىلاردا تۇرسا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «خەلقىمىز ئەندىشە قىلمىسۇن، بىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كوچىلاردا تۇرۇپ قېلىشىغا يول قويمايمىز» دېدى.

يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئاھالىگە ماددىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ خاتايدىكى ئاپەت رايونىنى زىيارەت قىلىشى پىلانلانماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر