خارابىلىكلەر ئاستىدىن خۇش خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى

تۈركىيەنى زىلزىلىگە سالغان كاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە ئەتراپتىكى 10 ۋىلايەتكە تەسىر قىلغان يەر تەۋرەشلەردە يۈزلەرچە قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە مىڭلارچە پىدائىي خارابىلىك ئاستىلىرىدىن كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان خەۋەرلەرنى يەتكۈزمەكتە.

1943681
خارابىلىكلەر ئاستىدىن خۇش خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى
deprem kurtarma.jpg
deprem kurtarma.jpg
deprem kurtarma.jpg
deprem kurtarma.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يەر تەۋەرشكە سائەتلەر بولغان بولسىمۇ، خارابىلىكلەر ئاستىدىن كىشىگە ئۈمىد بېغىشلىغۇچى خەۋەرلەر كەلمەكتە. ھاتايدا خارابىلىك ئاستىدا قالغان ئىككى ئايال ئارىدىن 48 سائەت ئۆتكەندە قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، 52 ياشلىق مونا گازەل ۋە 74 ياشلىق نەجلە مەلەك خارابىلىك ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھاتاينىڭ ئىسكەندەرۇن ناھىيەسى مۇستافا كامال مەھەللىسىدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدى. خادىملار قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىزدەش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خارابىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن چىقىرىپ تاشلاپ، 33 ياشلىق سۈرىيەلىك ئىمەد سابخا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق قىزى ۋافە سابخانى قۇتقۇزدى.

ھاتاينىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇغۇر مۇمجۇ كوچىسىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن ئارىدىن 45 سائەت ئۆتكەندە يەنە بىر جان تىرىك ھالدا قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئادىياماندا بىر بىنا خارابىلىكى ئاستىدىن ئارىدىن 36 سائەت ئۆتكەندە ئىسمى نامەلۇم بىر بوۋاقنى قۇتقۇزۇۋالدى. بوۋاق دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلدى.

شانلىئۇرفانىڭ يەنىشەھىر مەھەللىسىدە بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ خارابىلىكىدىن ئارىدىن 47 سائەت ئۆتكەندە ئالتە ياشلىق ئەھمەت ئاياز ئاباق قۇتقۇزۇۋېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر