ئالتۇن يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك يالغان ئۇچۇرلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك يالغان ئۇچۇرلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.

1942832
ئالتۇن يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك يالغان ئۇچۇرلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك دەلىللەنمىگەن، يالغان ئۇچۇرلارنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پۇقرالاردىن توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن رەسمىي باياناتلارنى يېقىندىن كۆزىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ۋە قۇتقۇزۇلۇشنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەرنى تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر خىل ئۇچۇر - ئالاقە تېخنىكىلىرىنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تەشكىللىك ھالەتتە تارقىتىلىۋاتقان ناتوغرا ئۇچۇرلار ياكى يالغان ئادرېسلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدىكى ئۇچۇر بۇلغىنىشىنىڭ ھەجىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئالتۇن: «يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دەلىل-ئىسپاتسىز، خاتا ئۇچۇرلارنى ئوچۇق - ئاشكارا تارقىتىپ، خەلقنى قايمۇقتۇرۇشى، 5237 – نومۇرلۇق تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. پۇقرالىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرلارنى نەزەرگە ئالماي، توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن رەسمىي باياناتلارنى يېقىندىن كۆزىتىشى ناھايىتى مۇھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر