فاخرەتتىن ئالتۇن ئومۇميۈزلۈك پاكىز ئۇچۇر سەپەرۋەرلىكى باشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن ئومۇميۈزلۈك پاكىز ئۇچۇر سەپەرۋەرلىكى باشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1941999
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاخرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا تەتۇر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ، «پاكىز ئۇچۇر» نى تەكىتلىدى.
فاخرەتتىن ئالتۇن: «تەتۇر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەشكە پۇقرالىرىمىزنىڭ قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى بىر پروگراممىنى يولغا قويىمىز. ئومۇميۈزلۈك پاكىز ئۇچۇر سەپەرۋەرلىكى باشلايمىز. تەتۇر تەشۋىقات ئۇقتۇرۇشى مۇلازىمىتىنى تونۇشتۇرۇش پروگراممىمىزغا ھەممىڭلارنى تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.
تەتۇر تەشۋىقات ئۇقتۇرۇشى مۇلازىمەت پروگراممىسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 7 - فېۋرال سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
«تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن يولغا چىقىدۇ
«تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايىتىدىن يولغا چىقىدۇ.