«تۈركىيەدە تېررورلۇق تەھدىتى بار دېگەن تونۇشنى يارىتىش دوستلۇققا ياراشمايدۇ»

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەدە تېررورلۇق تەھدىتى بار دېگەن تونۇشنى يارىتىشنىڭ دوستلۇققا ياراشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1941713
«تۈركىيەدە تېررورلۇق تەھدىتى بار دېگەن تونۇشنى يارىتىش دوستلۇققا ياراشمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدا، ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار، خەلقئارا سودا ۋە دىن ئىشلىرى مىنىستىرى سانتىياگو كافىئېرو بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ تەپسىلىي بايانات ئېلان قىلماي ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلىشىنىڭ «مەقسەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلخانىلىرىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىنى باھانە قىلىپ ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلىشىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن سورساق، بۇ ھەقتە كونكرېت مەلۇمات يوق. بىز بۇ كونسۇلخانىلار قەستەن تاقىۋېتىلگەن دەپ قارايمىز. بىز تۈنۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزغا چاقىرتقان باش ئەلچىلەرگىمۇ شۇنداق دېدۇق. ئۇلارنىڭ بۇ كونسۇلخانىلارنى تاقايدىغانلىقلىرىنى بىزگە خەۋەر قىلماسلىقى مەقسەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلار بۇ ئارقىلىق <تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس، تۈركىيەدە تېررورلۇق تەھدىتى بار> دېگەن تونۇشنى ياراتماقچى بولسا، بۇ دوستلۇققىمۇ، ئىتتىپاقداشلىققىمۇ ياراشمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر