مۇستاپا شەنتوپ يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

1939096
مۇستاپا شەنتوپ يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ ھۇجۇم ھەققىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «قۇددۇستىكى ئىبادەتخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمەن. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئىبادەتخانىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى كىشىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەرگىز يولۇق بولالمايدۇ. بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ دەھشەتلىك زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىشى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىتتۇر» دېدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىدىكى ئىبادەتخانىغا يېقىن جايدا جۈمە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 7 كىشى قازا قىلىپ، 3 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر