ئۆمەر چەلىك قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە يۈز بەرگەن قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1937218
ئۆمەر چەلىك قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا: «گوللاندىيە دائىرىلىرى بۇ فاشىست ھۇجۇمغا قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر ياۋروپا شەھەرلىرىدە ئىنسانىي قىممەت قاراشلارغا خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ پۈتكۈل ياۋروپا دېموكراتىيەسىگە نىسبەتەن بىر خەۋپ. فاشىستلار بارلىق دىنلارغا ۋە ئىنسانلارنىڭ قىممەت قارىشىغا تەھدىت سالماقتا. ئۇلارغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش تولىمۇ مۇھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر