ئالتۇن: شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنىڭ ئەركىنلىك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشنىڭ ئەركىنلىك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1936471
ئالتۇن: شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنىڭ ئەركىنلىك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن شىۋېتسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتى «ئاگېندا نايخېتېر»نىڭ سوئاللىرىغا يازما ھالەتتە جاۋاب بەردى.

پايتەخت ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا سادىر قىلىنغان قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنىڭ ئەركىنلىك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالتۇن، بۇ قىلمىش ئارقىلىق شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋانلىققا ئىلھام بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ شىۋېتسىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان قىلمشلىرى بىلەن دانىيەلىك ئاشقۇن سترام كۇرس (تار يۆنىلىشلىك پارتىيە) رەھبىرى راسمۇس پالۇداننىڭ شەنبە كۈنى (21-يانۋار) تۈركىيەنىڭ ستوكھولىمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشىدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ شىۋېتسىيەلىك مەنسەپدىشى پال جونسوننىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «(بىزنىڭ) دېمەكچى بولغانلىرىمىز ناھايىتى ئېنىق؛ ئەگەر شىۋېتسىيە تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىسا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پايدىسى يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ دەل شىۋېتسىيەنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە 28-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا قوللاۋاتقان مەزكۇر ئىككى دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئەنقەرە نۆۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشمدىكى ۋەدىلىرىنى ئورۇندىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر