چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكانى تەڭپۇڭ پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تەكرار تەڭپۇڭ پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1934856
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكانى تەڭپۇڭ پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە –ئىستىراتېگىيەلىك مېخانىزمىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى دائىرىسىدە، پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى، ئاندىن تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تەڭپۇڭلۇق پوزىتسىيەسىنى گىرېتسىيەگە پايدىلىق رەۋىشتە بۇزغانلىقىنى ئەسكەرتتى، گىرېتسىيەنىڭ قورال – ياراغلاردىن خالىي قىلىنغان ئاراللارنىڭ سالاھىيىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قورال - ياراغ سېتىۋالالايدۇ. كىمگە قارشى؟ قىبرىس تۈركلىرىگە قارشى، تۈركىيەگە قارشى. جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ پۇل يۇيۇش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن. بۇ مەسىلىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە ھەل قىلىش مۇمكىن. دەرۋەقە، بۇ تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇش دېگەنلىكتۇر. بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تەكرار تەڭپۇڭ پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز.»

چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ گىرېتسىيەگە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە، «تۈركىيە گىرېتسىيەگە ئوخشاش توسالغۇ سىياسىتىنى يولغا قويىدىغان دۆلەت ئەمەس، چۈنكى بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىمىز» دېدى.

ئۇ بۇ ھەقتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ تەڭپۇڭ پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىملىقىنى خاتىرىلەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر