سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 11 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ۋە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1932647
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بىردىنبىر نىشانى رايوننى قانغا بۇياش بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز. <فىرات قالقىنى> ۋە <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلار ئۆزلىرى قازغان خەندەكلەرگە كۆمۈلۈشتىن قەتئىي ساقلىنالمايدۇ.»