قالىن: ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك بولۇشقا باشلايدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1928871
قالىن: ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، 2022 – يىلى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە تېخىمۇ شىددەتلىك بولۇشقا باشلايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ بولسا، تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم، تېخىمۇ كۆپ ۋەيرانچىلىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك كىرىزىس دېمەكتۇر. تۈركىيە ئۇرۇش توختىتىشتىن ئەسىر ئالماشتۇرۇشقىچە، ئاشلىق يۆتكەشتىن يادرو بىخەتەرلىكىگىچە بولغان ساھەلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش زېمىنىنىڭ ھازىرلىنىشى يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر