مىنىستىر ئاقار گىرېتسىيەنى ھوشىنى تېپىۋېلىشقا چاقىردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

1929221
مىنىستىر ئاقار گىرېتسىيەنى ھوشىنى تېپىۋېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇلارنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدا ھەقىقەتەنمۇ زور كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. گىرېتسىيە ئۇرۇنۇشلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى» دېدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار توكاتتا بايانات بېرىپ: «گىرېتسىيە بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلىرىمىز بار. بىز بۇلارنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىدا ھەقىقەتەنمۇ زور كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. گىرېتسىيە ئۇرۇنۇشلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇلار تۈنۈگۈنمۇ ئەگە دېڭىزىدا بېلىقچىلىرىمىزغا پاراكەندىچىلىك سالدى. گىرېتسىيە كېچە - كۈندۈز قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. ھەممە ئىشنى قىلىپ بېقىۋاتىدۇ، مەسىلىلەرنى ئىچكى سىياسەتكە ماتا قىلىۋاتىدۇ. بىزگە سېلىنغان ھەر قانداق پاراكەندىچىلىكنى جاۋابسىز قالدۇرمايمىز. ئۇلارنىڭ شۇنچە قۇتراتقۇلۇقلىرىغا قارىماي، بىز مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلايلى دەۋاتىمىز. سىلەرگە ئېيتىدىغىنىمىز شۇكى، <ئىشىنىدىغان تېغىڭلارغا قار يېغىشتىن بۇرۇن، ھوشۇڭلارنى تېپىۋېلىڭلار>. سىلەرنى ئاگاھلاندۇردۇق، داۋاملىق ئاگاھلاندۇرىمىز. قۇتراتقۇلۇق قىلىشتىن ۋاز كېچىڭلار. بىز مەسىلىلەرنى تىنچ  ئۇسۇلدا چەل قىلىشنى خالايمىز. شۇڭا، <كېلىڭلار، سۆزلىشەيلى> دەۋاتىمىز. ئەپسۇسكى، بۇ جەھەتتە قارشى تەرەپتە مەسىلە بار. تارىختا بۇنى قىلىپ كۆردۈڭلار، بۇنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر