سۇلايمان سويلۇ 2022 – يىلىدا 129 تېررورچىنىڭ بىتەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۆتكەن يىلى 130 مىڭ 981 قېتىملىق يېزا ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە 129 تېررورچىنىڭ بىتەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا: «تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز قىلچە ئامانلىق بەرمەستىن تازىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 - يىلىدا چېگرا ئىچى ۋە تاغلاردا بىرمۇ تېررورچى قالمايدۇ» دېدى.
مىنىستىر سۇلايمان سويلۇنىڭ يازمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 130 مىڭ 981 قېتىم يېزا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان، بۇنىڭ 578 ى چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى ھەرىكەتلەر بولۇپ، 107 تېرورچى ئۆلتۈرۈلگەن، 22 تېررورچى تېرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن. ھەممىنى قوشقاندا جەمئىي 129 تېررورچى بىتەرەپ بىتەرەپ قىلىنغان.
ھەرىكەت جەريانىدا، 1190 پاناھجاي بىتچىت قىلىنىپ، نۇرغۇن قورال - ياراغ، يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.
تېرورلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تىزىملىكتە قىزىل كاتېگورىيەدىن 2، كۆك كاتېگورىيەدىن 4، يېشىل كاتېگورىيەدىن5، سېرىق كاتېگورىيەدىن 19، كۈلرەڭ كاتېگورىيەدىن 27 ۋە تىزىملىك سىرتىدىن 30 تېررورچى بولۇپ، جەمئىي 87 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.
سۇلايمان سويلۇنىڭ ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلارنىڭ سانى 120 دىن تۆۋەنلىگەن. يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەلىرى بولسا، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %21 ئازايغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 2022 - يىلىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 125 تېررورچى قايىل قىلىش ئارقىلىق تەسلىم بولغان.