«ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى» ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

«ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى» 2022-يىلى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1156 قېتىم ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى.

1926957
«ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى» ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى، 2022 - يىللىق ياۋروپا ئايرودۇرۇملىرى ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى توغرىسىدىكى تەپسىلىي دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ باشلانغۇچى بولغان 2019-يىلىدىن بۇيان، ياۋروپا ئايرودۇرۇملار ئىچىدە يۇقۇمدىن بۇرۇنقى مەزگىلدىكى ئۇچۇش سەۋىيەسىگە يەتكەن بىردىنبىر ئايرودۇرۇم «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى» بولغان.

ئۆتكەن يىلى، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسا، نۆۋەت بىلەن ئوتتۇرىچە 1140 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئامىستىردام، 1122 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن پارىژ، 1048 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن فىرانكفورت ۋە 1042 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن لوندون كېيىنكى ئورۇندا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر