ئاقار ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار: «بىز ھېچقاچان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى قىيىنچىلىققا ئىتتىرىدىغان ئىشنى قىلمىدۇق، ھەم قىلمايمىز» دېدى.

1925524
ئاقار ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.

ئۇ مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا چارشەنبە كۈنى (2022-يىلى 28-دېكابىر) تۈركىيە-رۇسىيە-سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىلىرى باشلىقلىرى ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ يىغىنى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئۇچرىشىشلاردا مۇساپىرلار ۋە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۈگۈنگىچە زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بولۇپمۇ شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچىمەن، بىز تۈركىيەدە ۋە سۈرىيەدە ياشايدىغان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ھېچقانداق ئىشنى قىلمايمىز. بىز ھېچقاچان ئۇلارنى قىيىنچىلىققا ئىتتىرىدىغان ئىشنى قىلمىدۇق ۋە قىلمايمىز. ھەممەيلەن مۇشۇنداق بىلىشى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر