سەئۇدى ئەرەبىستان شۇرا مەجلىسى رەئىسى ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ئال شەيخ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان شۇرا (مەسلىھەت) كېڭىشى رەئىسى ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ئال شەيخ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

1923482
سەئۇدى ئەرەبىستان شۇرا مەجلىسى رەئىسى ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ئال شەيخ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئال شەيخ شۇرا كېڭىشىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا تارقىتىلغان باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تارىخىي ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىگەنىدى.

شۇرا كېڭىشى رەئىسى ئال شەيخ باياناتىدا، زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مەجلىسلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

ئۇ باياناتىدا يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 28-ئاپرېل (2022) سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدنىڭ جىددەدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ 22-ئىيۇندىكى ئەنقەرەگە قاراتقان زىيارىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى.

تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى 18-ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر