ئەردوغان بۈگۈن قاتارغا بارىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن 2022 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتارغا بارىدۇ.

1920244
ئەردوغان بۈگۈن قاتارغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئەل تانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت دوھادا زىيارەتتە بولىدۇ.

ئەردوغان دوھادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ئارگېنتىنا بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاخىرقى مۇسابىقىنى كۆرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر