جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركمەنىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 14-دېكابىر) تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.

1919032
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركمەنىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، ئەنقەرە ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە باشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلار كۈتۈۋالدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قاتناش ۋە ئۇل- ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلارمۇ پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر