ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1917487
ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئەردوغان-زېلېنسكىي تېلېفون سۆھبىتىدە 24 - فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، قىيىن قىش ئايلىرىدا ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تىرىشچالىقلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە كۈتۈۋېلىنغان ئۇكرائىنالىق يېتىم بالىلار ۋە ھەمراھلىرىدىن تەركىب تاپقان 1033 كىشىلىك گۇرۇپپىغا، ئايالى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.  

سۆھبەتتە ئاشلىق كارىدورىنى ئوخشىمىغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا تاۋارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئۇكرائىنانىڭ زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېقىنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينىڭ گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلغان تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان تىرىشچانلىقلارغا ھەسسە قوشۇشنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەردوغان تۈنۈگۈن (11-دېكابىر) رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر