«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

2022 - يىللىق «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى بۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلاندى.

1916784
«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 34 دۆلەتتىن 100 گە يېقىن نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا 6 – نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى،  «كېلەچەكنى شەكىللەندۈرۈش: ئېنىقسىزلىقلار، رېئاللىقلار ۋە پۇرسەتلەر» تېمىسىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادېمىكلار ۋە داڭلىق شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، يەر شارىۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى نىشان قىلماقتا.

«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى، 2020 – ۋە 2021 – يىللىرى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن توردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەرنى ئىستانبۇلدا كۈتۈۋالماقتا.

بۈگۈن ۋە ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتتە، ئېنېرگىيە كرىزىسىدىن يەر شارىۋى كۆچمەنلەر كىرىزىسىگىچە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن ئىسلام دۈشمەنلىكىگىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە يۇمىلاق ئۈستەل ئولتۇرۇشلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر