سوباجى: دۇنيا ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسىدا، توغرا بىلەن يالغان بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتتى

ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى دۇنيا ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسى ئىچىدە، توغرا بىلەن يالغان، ئەمەلىيەت بىلەن باتىلنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1916983
سوباجى: دۇنيا ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسىدا، توغرا بىلەن يالغان بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى بۇ يىلقى (2022) ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىدا، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن ھازىرقى مەۋجۇت ئەھۋالنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ۋە ئېنىقسىزلىقلارنى ئىمكانىيەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دۇنيادىكى ئوخشىمايدىغان ئىدىيەلەرگە، كۆز قاراشلارغا ۋە ئوخشىمىغان ئاۋازلارغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشتا موھىم رول ئوينىغانلىقىنى، تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، سۆھبەت ئۈچۈن «بىخەتەر پورت» بەرپا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇ ئاشلىق كىرىزىسىدا كارىدور ئېچىپ، ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا كاپالەتچى بولغان، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) مەزگىلىدە 150 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ياردەم قىلىپ، 8 مىليارد كىشىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئايرىم كۈرەش قىلغان تۈركىيەنىڭ، تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ھەرىكىتى، سۆزى  ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن نامايان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئاخباراتقا مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن دۇنيا ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسى ئىچىدە توغرا بىلەن يالغاننىڭ، ئەمەلىيەت بىلەن باتىلنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بەزىدە قەستەنلىك بىلەن، بەزىدە ئاڭسىز ھالدا پەيدا قىلىنغان قالايمىقانچىلىقلارنى يىڭىشنىڭ يالغۇز بىر چارەسى بار. ئۇ بولسىمۇ، سۈزگۈچلەردىن ئەمەس، بەلكى ئادىللىق بىلەن پۈتكۈل دۇنياغا تەڭ قاراش. يەنى، بۇ كۈچلۈك، بۇ ئاجىز دېمەستىن ئادالەت پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ ئاخباراتچىلىق قىلىش.»

ئۇ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش كۈرىشىدە ئاخبارات ساھەسىدە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭغا ھەسسە قوشۇشقا ئاتلانغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر