شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1915014
شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تۈنۈگۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياساپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان بومبىسىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە مىڭبېشى مەھمەت دۇماننىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا «بىزنى چوڭقۇر قايغۇ ۋە ئازابقا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئالىيجاناب خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر