ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1914165
ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سودا ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلەردە سوغۇققانلىق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىئىينەزەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاساسىنى تېزدىن قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھەممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا، قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ۋە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر