ئەردوغان كەسپىي مائارىپ يىغىنىغا سىنلىق تېلېگرامما يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «كەسپىي مائارىپ يىغىنى» غا سىنلىق تېلېگرامما يوللىدى.

1913337
ئەردوغان كەسپىي مائارىپ يىغىنىغا سىنلىق تېلېگرامما يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «كەسپىي مائارىپ يىغىنى» غا يوللىغان سىنلىق تېلېگراممىسىدا، كەسپىي مائارىپ يىغىنىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، مائارىپنىڭ سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق بالىلارنىڭ سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى ئالەمشۇمۇل كىشىلىك ھوقۇقتۇر.»

ئۇ يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ھەر يىلى خامچوتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلۈشىنى مائارىپقا ئاجراتقانلىقلىرىنى ۋە بۇ ساھەدە تاشلاۋاتقان قەدەملىرى ئارقىلىق زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى ھەر جەھەتتىن ئۈلگىلىك دۆلەتكە ئايلاندۇردۇق.»

كەسپىي مائارىپتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھاياتىي كۈچىنىڭ ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي مائارىپ يىغىنىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئورتاقلىشىشتىن سىرت يەنە، ئىشتىراكچىلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئۆگىنىشكىمۇ ۋەسىلە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر