تۈركىيە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا رەددىيە بەردى

تۈركىيە چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1913561
تۈركىيە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا رەددىيە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۈگۈن (ئەنگلىيەنىڭ) رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىدەك، مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى، چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئەۋەتكىنى يوق.»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بىر قىسىم ئەلچىخانىلارغا، پايتەخت ئەنقەرەدىكى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئەۋەتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر