ئەردوغان: ھېچكىشى تۈركىيەنى قۇرۇق تەھدىتلەر بىلەن ئۆز مەنپەئەتىگە زىتلاشتۇرالمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاۋاتقانلارنىڭ رىياكارلىقلىرىغا چىداپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئەمەسمىز» دېدى.

1912129
ئەردوغان: ھېچكىشى تۈركىيەنى قۇرۇق تەھدىتلەر بىلەن ئۆز مەنپەئەتىگە زىتلاشتۇرالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان ۋەتەن تۇپراقلىرى ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قادەملەرنى تاشلاشتا ھېچكىمدىن رۇخسەت ئالمىغانلىقىغا ئوخشاش، ھېچكىمگىمۇ ھېساب بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىەپ، «تىزىمغا  ئېلىنغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىسىم ئۆزگەرتىش ئويۇنلىرى ئارقىلىق قوللاۋاتقانلارنىڭ رىياكارلىقلىرىغا چىداپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئەمەسمىز» دېدى.

ھېچكىمنىڭ تۈركىيەنى قۇرۇق تەھدىتلەر بىلەن سىياسىي، دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەلەردە ئۆز مەنپەئەتىگە زىت ئورۇنلاردا تۇرۇشقا مەجبۇرلىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق چەمبىرىكىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن ھېچكىشى بىئارام بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر