ئەردوغان: تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئوقۇتقۇچىمىزغا قولىنى كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى كۇمپەيكۇم قىلىۋېتىمىز. بىز بۇ كۈرەشنى دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتى پۈتۈنلەي تۈگىگۈچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

1910664
ئەردوغان: تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 81 ۋىلايەتتىن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدىكى زىياپەتتە ئۇچراشتى.

«قوراللىق قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇملار پىلانلىنىپ ئىجرا قىلىنىدىغان تېررورلۇق ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلماقتا» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قەيەردە بىر تېررورچى بولسا، بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى، ساقچىلىرى، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇ يەردە بولىدۇ. بىز بۇنى بۈگۈن دېمەيۋاتىمىز، بىز گاباردىمۇ، جۇدىدىمۇ، تەندۈرەكتىمۇ بولىمىز، قىسقىسى، ئۇلار قەيەردە بولسا، شۇ يەردە بولىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە: «ئوقۇتقۇچىمىزغا قولىنى كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى كۇمپەيكۇم قىلىۋېتىمىز. بۇ ئىش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. بىز بۇ كۈرەشنى دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتى پۈتۈنلەي تۈگىگۈچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى 780 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرىنىڭ بىر غېرىچمۇ يېرىدە تېررور بولمىغان، تېررورلۇق تەھدىتى بولمىغان بىر تۈركىيەدە ياشىتىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر