دۈزجە ۋىلايىتىدە 5.9 بال يەر تەۋرىدى

دۈزجە ۋىلايىتىنىڭ گۆلياقا ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن 5.9 بال يەر تەۋرەشتە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 50 ئادەم يارىلاندى.

1909846
دۈزجە ۋىلايىتىدە 5.9 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۈزجە ۋىلايىتىدە تۈركىيە ۋاقتى سەھەر سائەت 4 تىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە 5.9 بال يەر تەۋرىدى؛ يەر تەۋرەش ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق قوشنا ۋىلايەتلەردىمۇ ھېس قىلىندى. يەر تەۋرەشتە بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 50 ئادەم يارىلاندى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ئاپەت رايونىغا يېتىپ باردى.

دۈزجە ۋالىيسى جەۋدەت ئاتاي، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە مەكتەپلەرنىڭ بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر