تېررورچىلار چېگرا لىنىيەسىدە قولغا چۈشتى
تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە، سۈرىيە ۋە ئىراندىن تۈركىيەگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 13 تېررورچى چېگرا لىنىيەسىدە قولغا چۈشتى.
1909561
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە، سۈرىيە ۋە ئىراندىن تۈركىيەگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان، 3 ى فەتھۇللاھچى، 3 ى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/پ ي د/ي پ گ مەنسۇپى بولۇپ، جەمئىي 13 تېررورچى، چېگرا لىنىيەسىدە قولغا چۈشكەن.