چاۋۇشئوغلۇ: تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ھېچكىمگە قارشى ئەمەس

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «تۈرك ئەسىرى» نىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنىڭ ھېچكىمگە قارشى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1907810
چاۋۇشئوغلۇ: تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ھېچكىمگە قارشى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسېلو ئېبرارد بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن مېكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر ساھەدە ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «مۇناسىۋەتلىرىمىزدە مۇھىم يوشۇرۇن كۈچ بار. بۇنى قولىمىزدا تۇتۇشىمىز كېرەك، بۈگۈن بۇلار ئۈستىدە سۆھبەتلەشتۇق» دېدى.

ئۇ ئۆزئارا سودا ئالدىدىكى توسقۇنلۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، كېلەر يىلنىڭ (2022) دەسلەپكى چارىكىدە ئەركىن سودا كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مېكسىكادا ئومۇملىشىشى بىلەن تۈركچىگە بولغان قىزىقىشنىڭ ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مېكسىكادا يۈز تۇرانە تۈركچە دەرس بېرىش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە قىزىقىشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى ئەزا بولغانلىقىغا بولغان ئىنكاسلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان نېمە ھوقۇقى بار. ئامېرىكاغا شۇنى دېممەكچىمىز، تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ھەمدە قىبرىستىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزدۇڭلار. خەلقئارالىق قانۇن دېسەڭلار، گىرېتسىيەنىڭ، قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ خىلاپلىقىغا قاراڭلار. بىزنىڭ سىلەردىن ئىجازەت ئېلىشقا ئېھتىياجىمىز يوق. ئامېرىكانىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا بېسىم قىلغانلىقىنى، ھەتتا تەھدىت سالغانلىقىنى كۆردۇق. ھەر بىر دۆلەتكە نوتا تاپشۇرۇپ، مەكتۇب ئەۋەتتى، بېسىم قىلدى. مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسۇن ياكى ئامېرىكا بولسۇن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمدى بۇنداق تەھدىتلەرگە بويۇن ئەگمەيدىغان تۈرك دۇنياسى بار. تۈرك دۇياسىنىڭ بىرلىكى ھېچكىمگە قارشى ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر