مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئىستىقلال كوچىسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستانبۇلنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بەدىلىنىڭ تۆلىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1906679
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئىستىقلال كوچىسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم رايونىدىكى ئىستىقلال كوچىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 81 ئادەم يارىلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «قەھرىمان ئارمىيەمىزنىڭ ئالدىغا چىقىشقا جاسارەت قىلالمىغان، زاپتا، ئىراقنىڭ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇڭغا قىستىلىپ قالغان، ئارمىيەنىڭ تېنىقلىرىنى ھەر دائىم گەجگىسىدە ھېس قىلىۋاتقان، پەسكەشلىكتە چەك – چېگراسىنىڭ يوقلۇقىنى نۇرغۇن قېتىم پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسەتكەن ئازغۇن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى، خەلق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى كۆرمەسلىككە سېلىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىۋاتقانلار بار. تېررورچىنىڭ ئەڭ شەپقەتسىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىستانبۇلدا بىگۇناھ پۇقرالارنى زەربە ئوبېيكتى قىلغان تېررورچىلار بۇ ھۇجۇمنىڭ بەدىلىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ! بۇ دۆلەتتىنمۇ، بۇ جۇغراپىيەدىنمۇ يوقىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر