شىۋېيتسارىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت دىپلوماتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن شىۋېيتسارىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1905537
شىۋېيتسارىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت دىپلوماتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ، 9-نويابىر بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىشى ۋە بۇ دۆلەتتە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا يازما شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى قايتا - قايتا ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي، شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويماي، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىسى جايلاشقان مىللەتلەر مەيدانىدا تېررورچىلار كاتتىبېشى ۋە تەشكىلاتنىڭ رەسىم ۋە پىلاكاتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدىغان تەشۋىقات ۋە نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

باياناتچى بىلگىچ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىشى ھەققىدە توختىلىپ: «شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ كەڭ قورساقلىق پوزىتسىيەسى سايىسىدا، پ ك ك تەرەپدارلىرى يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىشكە جۈرئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئورۇنلۇق ئىنكاسىمىز ۋە نارازىلىقىمىز مىنىستىرلىقىمىزغا چاقىرتىلغان شىۋېيتسارىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىغا، شىۋېيتسارىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا كۈچلۈك ئىپادىلەندى» دېدى.

باياناتچى بىلگىچ، بۇنىڭدىن بۇرۇن شىۋېيىتسارىيەدە ئەرمەنى تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئاسالا»نىڭ تۈركىيەنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى شېھىت قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: «پ ك ك نىڭ قارا تەشۋىقاتىنىڭ، ھەر خىل پائالىيەت ۋە تەشۋىقاتلىرىنىڭ شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنىشى دۆلىتىمىز ۋە شىۋېيىتسارىيەدە  ياشايدىغان پۇقرالىرىمىزنىڭ ھەقلىق ئارزۇسىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان شىۋېيتسارىيەنىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشىنى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا خەلقئارا ھەمكارلىققا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر