ئەردوغان: بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىمىزنىڭ ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغان شىۋېتسىيە كۆرۈشنى خالايمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «شىۋېتسىيە ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناتوغا ئەزا بولۇشنى خالايدۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىمىزنى ھەل قىلىشىمىزنى قوللايدىغان شىۋېتسىيە كۆرۈشنى خالايمىز» دېدى.

1903960
ئەردوغان: بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىمىزنىڭ ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغان شىۋېتسىيە كۆرۈشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرشوننى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرشون كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق دەرىجىسىگە چىقىرىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «شىۋېتسىيە ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناتوغا ئەزا بولۇشنى خالايدۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىمىزنى ھەل قىلىشىمىزنى قوللايدىغان شىۋېتسىيە كۆرۈشنى خالايمىز. پ ك ك|پ ي د|ي پ گ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە د ھ ك پ-ج قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كەسكىن تۈردە شىۋېتسىيەنىڭ دېموكراتىك مۇھىتىنى سۈيىئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك» دېدى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرشون كۆرۈشۈشتە دىققەتنى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «مېنىڭ بۇ يەردە بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرۇم ناھايىتى ئېنىق. شىۋېتسىيە تۈركىيەنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى قىلىۋاتقان قانلىق كۈرىشى بار ۋە مىڭلىغان تۈرك خەلقى بۇ كۈرەشنىڭ قۇربانى بولدى. مەن بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئەسلىدە شىۋېتسىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەگە ياردەم قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايمىز. شىۋېتسىيە پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تونۇيدۇ» دېدى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەگە بېرىلگەن بارلىق ۋەدىلەرگە تولۇق رېئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، شىۋېتسىيەدە بۇ يىلنىڭ (2022) ئاخىرىدا ۋە كېلەر يىلنىڭ (2023) بېشىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئىنتايىن مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر