ستولتېنبېرگ تۈركىيەگە كېلىدۇ

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بۈگۈن (3-نويابىر) تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1901415
ستولتېنبېرگ تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، باش كاتىپ ستولتېنبېرگ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار قاتارلىق رەھبەرلەر بىەن كۆرۈشىدىكەن.

ستولتېنبېرگ بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەتە (4-نويابىر) ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئارقىدىن شۇ كۈنى چېخىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

ستولتېنبېرگنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىدىن باشقا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر