چاۋۇشئوغلۇ: ئەردوغان پۇتىن ۋە زېلېنسكىي بىلەن ئاشلىق كرىزىسىنى مۇزاكىرلىشىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئاشلىق كرىزىسى ھەققىدە مۇزاكىرلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1900649
چاۋۇشئوغلۇ: ئەردوغان پۇتىن ۋە زېلېنسكىي بىلەن ئاشلىق كرىزىسىنى مۇزاكىرلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە مۇخبىرلارغا ئاشلىق كرىزىسى توغرۇلۇق بايانات بەردى.

چاۋۇشئوغلۇ ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالاقىلىشىش باشلانغانلىقىنى، رۇسىيە ئېكسپورت قىلغان ئاشلىق ۋە ئوغۇتنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار تۈركىيەنىڭمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بۇ باسقۇچنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە توسالغۇلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا رەھبىرى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ پۇتىننىڭ تۈركىيەدە گاز مەركىزى قۇرۇش تەكلىپى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «پۇتىننىڭ گاز مەركىزى توغرىسىدىكى تەكلىپىدىن كېيىن ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. ھازىر تېخنىكا سەۋىيەسىدە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ ياۋروپادا قانچىلىك تەلەپ بار؟ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىگە تۆھپە قوشۇۋاتىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر