قالىن بارروۋ بىلەن تۈركىيە - ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى تىم بارروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1899371
قالىن بارروۋ بىلەن تۈركىيە - ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىبراھىم قالىن بىلەن تىم بارروۋنىڭ تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسى ھەمكارلىقى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا  بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيەنىڭ ناتودىكى رولىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك خەۋپلىرى، يېڭى خىرىسلار ۋە بارلىق تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى ئىناق ­- ئىتتىپاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئۈچ تەرەپ رامكا كېلىشىمىدە ئەسكەرتىلگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىشى كېرەكلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتە تاشلانغان قەدەملەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ سۆھبەت يىغىنىدا يەنە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش سۆھبەتلىرىنىڭ توختاپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنىڭ يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىمملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى تەكىتلەندى. شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادى، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئۇرۇش پەيدا قىلغان تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش يولىدىكى بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى چۆرىدىگەن ھالدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن، دىپلوماتىيە يولىنى ئېچىپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۈركىيەنىڭ بۇ جەرياندا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىستانبۇل كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىك ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر