چاۋۇشئوغلۇ شىرازدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى بىر مەقبەرەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيبىلىدى.
1898579
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھۇجۇم توغرىسىدا تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى بىر مۇبارەك مەقبەرەگە قىلىنغان ئەپسۇسلىنارلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.
ئۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلىدى.
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تۈنۈگۈن شىرازدىكى شاھ چىراغ مەقبەرىسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 15 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 21 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.