توگگنىڭ 2023-يىلدىكى نىشانى 17-18 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش

تۈركىيە ئاپتوموبىل گۇرۇھى توگگ، 2023 – يىلى 17-18 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا.

1897814
توگگنىڭ 2023-يىلدىكى نىشانى 17-18 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، توگگ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بۇرسانىڭ گەملىك رايونىدىكى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، شەنبە كۈنى ئىشلەپچىقىرىلىشى تاماملانغان تۇنجى ئاپتوموبىلنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئاپتوموبىلنى 2023 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە بازارغا سېلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىركەتنىڭ 2023-يىلدىكى نىشانى 17-18 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارغا سېلىشتۇر. ھازىر سىناق ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلماقتا. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، زاۋۇت قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلىنىشى مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىمىز.»

مىنىستىر ۋارانك، تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل لايىھەسىنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر لايىھە بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر