ئۇكرائىنادىن ئاشلىق توشۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا
ئاشلىق توشۇش پىلانى دائىرىسىدە يەنە 6 پاراخوت ئۇكرائىنا پورتىدىن يولغا چىقتى.
1894795
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئاشلىق توشۇش خىزمەتلىرى پىلاندىكىدەك بىخەتەر داۋاملاشماقتا. بۈگۈن ئاشلىق قاچىلانغان 6 پاراخوت ئۇكرائىنا پورتىدىن يولغا چىقتى» دېيىلدى.
قارا دېڭىزدىن بىخەتەر ئاشلىق توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 22 - ئىيۇلدا ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك ئىشخانىسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسدا <ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى> ئىمزالانغان ئىدى.