ئەردوغان تۈركىيەگە تەزىيە تىلەكلىرىنى يوللىغان دۆلەتلەرگە رەخمەت ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بارتىننىڭ ئاماسرا رايونىدىكى كاندا يۈز بەرگەن پارتلاش سەۋەبىدىن تەزىيە تىلەكلىرىنى يوللىغان دۆلەتلەرگە رەخمەت ئېيتتى.

1893287
ئەردوغان تۈركىيەگە تەزىيە تىلەكلىرىنى يوللىغان دۆلەتلەرگە رەخمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدىكى يازمىسىدا، «بارتىندا چەككەن ئازابلىرىمىزنى تەزىيە تىلەكلىرى ۋە ھال سوراش ئۇچۇرلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان بارلىق دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە نامايان قىلغان بۇ سەمىمىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۈركىيە خەلقىگە ۋاكالەتەن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.  

ئەردوغان ئۇچۇرىدا، ئاماسرادىكى ئازابنى ئورتاقلاشقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بايراقلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.  

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، گرېتسىيە، شىۋىتسىيە ۋە پولشا قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ شۇنداقلا ئەزەربەيجان، گرۇزىيە ۋە مالدىۋى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يوللىغان تەزىيەنامە ۋە ھەمكارلىق ئۇچۇرلىرىغا ئايرىم ئايرىم جاۋاب قايتۇرۇپ، مەنسەپداشلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر