خاتا ئۇچۇرغا قارشى كۈرەش قانۇنى تەستىقلاندى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، خاتا يولغا باشلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قانۇن ماددىلىرى بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە (پارلامېنتى) تەستىقلىنىپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى.

1892906
خاتا ئۇچۇرغا قارشى كۈرەش قانۇنى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭىدىن تۈزۈلگەن قانۇنغا ئاساسلانغاندا، خەلقنى خاتا يولغا باشلايدىغان يالغان ئۇچۇر تارقىتىش جىنايىتىگە بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى خاتا ئۇچۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىش قانۇنى بىلەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىخەتەر دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىر كىتابچە تەييارلىدى.

كىتابچەدە، دۆلەتتە ئىش بېجىرىش ئورنى بولمىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنى نازارەت قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، شۇڭا خۇسۇسىي سانلىق ئۇچۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭمۇ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. قانۇن بىلەن، شىركەتلەر دۆلەتتە ئىشخانا ئاچقاندا نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى، سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش ئۈچۈن ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى ۋە خەۋەرلىشىش ئىدارىسىغا ئالاھىدە قوغداش ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كىتابچەدە، ئاساسىي ھەق-ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئاساسىدا تۈزۈلگەن قانۇندا، «ئەركىنلىك» بىلەن «بىخەتەرلىك» تەڭپۇڭلۇقىنىڭ كۆزىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ھەر قانداق ئىشلەتكۈچى ياكى شىركەتكە چەكلىمە قويۇلمايدىغان قانۇن بىلەن، تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قارشى ئۈنۈملۈك ۋە قانۇنلۇق كۈرەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تېررورلۇق تەشۋىقاتى قاتارلىق ئىجتىمائىي خاتىرجەملىكنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان مەزمۇنلار توسۇلىدۇ.

قانۇن بىلەن، ئىنتېرنېت تورى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئىنتېرنېت تورى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئىشلەتكۈچىلەرگە قايسى پارامېتىرلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، تور بېكەتتە ئېنىق، چۈشىنىشلىك ۋە ئاسان بىلگىلى بولىدىغان شەكىلدە تەمىنلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرى «بەلۋاغنى تارايتىش» ۋە «ئېلاننى چەكلەش» بىلەن جازالىنىدۇ.

ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى تۈزگەن كىتابچەدە، تۈركىيەنىڭ يالغان ئۇچۇرغا قارشى كۈرەش قانۇن-بەلگىلىمىلىرى جەھەتتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېخى يولنىڭ بېشىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر