خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1891588
خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق ئۆزئارا، رايون خاراكتېرلىق، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

مىنىستىر ئاقار ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان «تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈملەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش لازىم» دېگەن تەۋسىيەنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

سۆھبەتتە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقى كۆرۈلدى، مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان ئاشلىق توشۇشتىكى ئىلگىرىلەشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

سۆھبەتتە يەنە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە ھەر تۈرلۈك قوللاشلاردا بولۇشقا تىرىشىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ھازىرغا قەدەر قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئوخشاش رايوننىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى مەسىلىلەردە، مىنىستىر ئاقار تېررورلۇق تەھدىتى ۋە كارىدورىنىڭ مەڭگۈلۈك ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقۇتۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇلۇسى ئاقار بۇ مەسىلىلەردە ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر