تۈركىيە تايلاندقا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە تايلاندتىكى بىر يەسلىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1889736
تۈركىيە تايلاندقا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، تايلاندتا  بىر بالىلار يەسلىسى نىشان قىلىنغان ۋە كۆپىنچىسى بالا بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە دوست دۆلەت تايلاند خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

تۈنۈگۈن، تايلاندنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر بالىلار يېسلىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 22 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 12 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر