سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 18 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1889746
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى
harekat.jpg
harekat.jpg

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ئاقىۋەتتىن قېچىش پۇرسىتى يوق. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 18 تېررورچى ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز سۈرئەتتە داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى 2016 – يىلى 24 – ئاۋغۇستتىن 2017 – يىلى 29 – مارتقىچە بولغان جەرياندا فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر