ئاقار ئەنگلىيەدە

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەنگلىيە تۈركىيەگە قارىتا بارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلغان بىر مەزگىلدە بۇ دۆلەتتە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا.

1889020
ئاقار ئەنگلىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللاېسنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئەنگلىيەگە يېتىپ بارغان ئاقارنىڭ، زىيارىتى ئەسناسىدا، ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك، ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە  ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

بىر قىسىم مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى پىلانلىنىۋاتقان زىيارەتتە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارغا، پۇقراۋى ۋە ھەربىي دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان تېخنىكىلىق بىر ھەيئەت ھەمراھ بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر