تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى لىۋانغا قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى لىۋاننىڭ ئاققار ۋىلايىتىدىكى توك ئۈزۈلۈپ قالغان 4 كەنتنى قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

1888524
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى لىۋانغا قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ،  سائادىنەلەر، مىنجەزلەر ۋە تۈركمەنلەر ياشاۋاتقان قاۋاشرا ۋە ئايدامون كەنتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى لايىھەلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىملىرىغا، مەسئۇللار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيەنىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى بارىش ئۇلۇسوي، بۇ مۇراسىملاردا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ لىۋان مىقياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان توك يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان  بىر قىسىم لايىھەلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىملىرىغا قاتناشتۇق. دەرۋەقە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى، بولۇپمۇ بڭۇ دۆلەتتىكى توك پۇرسىتى چەكلىك ۋە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن، بەزى لايىھەلەرگە ياردەم بېرىشكە باشلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر