«تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1888072
«تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 7 تېررورچى، قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن،  سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ پەرۋارى ناھىيەسى قىشلاقلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئەرەن قامال قىلىش – 3 قىش شېھىت قوراللىق ساقچى ئىسمائىل جان ئەقدېڭىز» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، تۈنۈگۈن سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ پەرۋارى ناھىيەسى قىشلاقلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنىڭ قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە 2 تېررورچىنىڭمۇ تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر