بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 23 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1887277
بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 23 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈنۈگۈن <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئوقى تېگىپ يارىلانغاندىن كېيىن بالنىستقا ئېلىنغان بىر ئەسكەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى چېگرانىڭ 140 كىلومېتىر يىراقلىقىغا جايلاشقان ئاسوس رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە – دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا – 23 پ ك ك تېررورچىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شىرناقتىكى «ئەرەن مۇھاسىرە <كۈز – قىش>» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ شىرناقتىكى ھەربىي بازىدا، ئاخىرلاشقان ئەتىياز – ياز پەسىللىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مەزكۇر ھەرىكەتلەردە 98 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر