تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ F-16 لار توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1887107
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ F-16 لار توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيۇسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەفكان ئالا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

ماي ئېيىدا ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇپ، جەمئىي 25 پالاتا ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەن بۇ ھەيئەت، بۇ قېتىم تېكساس كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كىرۇز قاتارلىق ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە 14 پالاتا ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىدا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ھەيئەت، سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەگە  F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئىجابىي پوزىتسىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەفكان ئالا ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدىكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ تۈركىيەگە F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى سېتىپ بېرىشكە شەرت قويۇشقا ئۇرۇنۇش تىرىشچانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودىكى ئىككى ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەگە ئادىل ۋە باراۋەر ئارىلىقنى ساقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەگە مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە ناتونىڭ كەلگۈسىنى شەخسىي مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

گىرېتسىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ تەنقىد قىلغان ئەفكان ئالا: «گىرېتسىيە پۇرسەتلا تاپسا، دىپلوماتىك يانچۇقچىلىق قىلىۋاتىدۇ، قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ، ئامېرىكانىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ گە قىلىۋاتقان ياردەملىرىدىن بىئارام ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر