سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ھالاكەتتىن باشقا چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ‹فىرات قالقىنى› ۋە ‹تىنچلىق بۇلىقى› ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 10 تېررورچى، قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى «قىزىل كاتېگورىيە» دىن ئورۇن ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ساباھ ئوغۇر سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك – پ ي د/ي پ گ نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسۇپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەقىب قىلدى.
تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلى بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ساباھ ئوغۇر، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.
كۆپلىگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بۇيرۇق چۈرۈشگەن ساباھ ئوغۇرنىڭ قېرىندىشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك - پ ي د/ي پ گ مەنسۇبى زەھرا ئوغۇرمۇ، 2010 – يىلى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى.
خاقان فىدان ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمەد ئەل تانى بىلەن كۆرۈشتى.